كومىتېت ھەققىدە

ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە قاراشلىق بىر تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات كومىتېتى بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، تىلشۇناس، تەرجىمان، ئەدىب ۋە تۈركولوگلار باش قوشۇشى بىلەن، 2019-يىلى 21-فېۋرال ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 

كومىتېت رەئىسى: زۇلھايات ئۆتكۈر (شىۋىتسىيە)

كومىتېت ھەيئەت ئەزالىرى:

تۈركىيەدىن پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور مەغپىرەت كامال، ئابدۇلھەمىد قاراخان، دوتسېنت دوكتور بورھان سېتى، ئابدۇجېلىل تۇران ۋە لوقمان ھىرائى

ئاۋىسترالىيەدىن سەلىمە كامال،

ياپۇنىيەدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى،

قازاقىستاندىن دوتسېنت دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا ۋە قىرغىزىستاندىن پروفېسسور دوكتور سەيپۇللاھ ئابدۇللايىۋ

كومىتېتتا «ئانا تىل دەرسلىك تۈزۈش بۆلۈمى»، «ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى يىتىشتۈرۈش بۆلۈمى»، «ئانا تىل كۇرسى ئېچىش بۆلۈمى» ۋە «ئانا تىل فوندى» مۇ تەسىس قىلىندى.