مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل تور دەرسى ئۇقتۇرۇشى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئانا تىل تور دەرسى ئۇقتۇرۇشى

6 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ۋە 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئانا تىل تور دەرسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە ئېھتىياجى بولغان ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇش، يېزىش ۋە سۆزلىشىشنى ئاساس قىلغان ئانا تىل تور دەرسى كۇرسلىرى ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئانا تىل تور دەرسلىرىنى، تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن مىھراي ئوسمان، سۈبھىنۇر ئۆمەرجان، ئابىدە نەسرىن ۋە سەردار زاغئوغلى ئۆتىدۇ. كۇرسقا قاتناشقان ياش – ئۆسمۈرلەر،  6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرچىنى ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشتىن باشقا، ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىمۇ ئۆگىنىدۇ، بالىلار ھېكايىلىرى ۋە دىنىي ھېكايىلەر بىلەن ئەتراپلىق تونۇشۇپ چىقىدۇ.

ئانا تىل تور دەرسى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 

كۇرس مۇددىتى: جەمئىي 6 ئاي

كۇرس كۈنلىرى: شەنبە ۋە يەكشەنبە (2 كۈن )، ئانا تىل دەرسلىرى، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇل ۋاقتى بىلەن تۆۋەندىكى سائەتلەردە ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىغا ماس كېلىدىغان دەرس سائاتىنى تاللىسا بولىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.

ئەتىگەن سائەت 10:00 – 11:00 ئارىلىقى ياكى 11:00 – 12:00 ئارىلىقى

چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 – 15:00 ئارىلىقى ياكى 15:00 – 16:00 ئارىلىقى

كەچ سائەت 19:00 – 20:00 ئارىلىقى ياكى 20:00 – 21:00 ئارىلىقى

ئانا تىل كۇرسىدا ھەپتىدە 2 كۈن، كۈندە 1 سائەت ۋە ئايدا جەمىئي 8 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ..

تىزىملىتىدىغانلارنىڭ ياش ئارىلىقى

10 – 6 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر

17 – 11 ياش ئارىلىقىدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر

18 – 30 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلار

دەرسلىكلەر: ئېلىپبە، ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى، بالىلار ھېكايىلىرى، سىرەت ۋە تۆت قۇلاق ئۆسمۈرلەر ژورنىلىدىكى دىنىي ھېكايىلەر

سان چەكلىمىسى: ھەربىر گۇرۇپپا ئۈچۈن 20 ئوقۇغۇچى

تىزىملىتىش ۋاقتى: ھەر ئاي يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

تىزىملىغۇچى ئابىدە نەسرىن (905525818000+ ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ). تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار يۇقۇرىدىكى ئانا-تىل-تور-دەرسى-تىزىملىتىش-جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ kokbikejesur@gmail.com ۋە anatilkomiteti@gmail.com ھەر ئىككى ئېلخەتكە تەڭلا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يۇز تۇرانە ئانا تىل كۇرسلىرى مەۋجۇت بولغان شەھەرلەردىن بۇ قېتىمقى ئانا تىل تور دەرسلىرىگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى تەكشۈرۈلىدۇ، يۇز تۇرانە دەرس ئۆتىلىۋاتقان ئانا تىل كۇرسىغا بېرىش شارائىتى بار تۇرۇپمۇ، باللىرىنى دەرسكە ئاپارمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ. 

ئوقۇش پۇلى: ئامېرىكا، كانادا، ياپۇنىيە، كورىيە، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە، جەنۇبى ئافرىقا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە باشقا ئىسمى ئاتالمىغان دۆلەتلەردىن قاتنىشىدىغانلار ئۈچۈن ئايلىق 20 ئامېرىكا دوللىرى ياكى 20 ياۋرۇ

تۈركىيەدىن قاتنىشىدىغانلار ئايلىق 150 لىرا

قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن قاتنىشىدىغانلار ئۈچۈن ھەق ئېلىنمايدۇ.

ئوقۇش پۇلىنى ئەۋەتىش ئۇسۇلى

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا سىرتىدىن پۇل ئەۋەتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باش ئاكادېمىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى بانكا ھىسابىغا بىۋاستە ئەۋەتسىڭىز ياكى سىز تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيە رەئىسلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلار ئارقىلىق ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Paypal ياكى Zelle ئارقىلىق پۇل ئەۋەتىدىغانلار ئۈچۈن ئېلخەت ئادرىسى: uaf9643@gmail.com

ئامېرىكادىن پۇل ئەۋەتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىك فوندى بانكا دوللار ھېسابى

Uyghur Academic Foundation

Bank of America

Account Number: 383 017 517 915

Routing Number: 0312 020 84

تۈركىيەدىن پۇل ئەۋەتىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋەقىپلەر بانكىسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى تۈرك لىراسى ھېسابى

تاپشۇرۇپ ئالغۇچى: Uygur Akademisi Vakfı

IBAN No: TR 160001500158007313320086

ئەسكەرتىش: پۇل ئەۋەتكەندە ئوقۇغۇچى ئىسىم فامىلىسى ۋە ئانا تىل تور دەرسى ھەققى دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

ئايدا ئىككى قېتىم دەرسكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چېكىندۈرۈلىدۇ. 6 ئايلىق ئانا تىل تور دەرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگەتكەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەنلىكىگە ئائىت شاھادەتنامە بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر بىزنىڭ بارلىقىمىز، ئۇلارنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلەش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. دىئاسپورادا ئۇيغۇرچە كۇرسقا قاتناشمىغان ۋە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈر قالمىسۇن!

ھۆرمەت بىلەن، ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى

About ئانا تىل كومىتېتى

View all posts by ئانا تىل كومىتېتى →