قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز، بۇندىن كېيىن يەنە قانداق تېمىلاردا لېكسىيە ياكى پروگراممىلارنى ئۇيۇشتۇرۇشنى خالايسىلەر؟ تېما ياكى مەزمۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ياكى ئاتا-ئانىلاردىن بىزگە تەۋسىيە قىلىدىغانلار بولسا، ئانا تىل كومىتېتىغا anatilkomiteti@gmail.com ئۇچۇر يوللىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئارمانلىرىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىمىز.
تور سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ لېكسىيەلەر، پروگراممىلار ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدىن خەۋەرلەر ۋاقتىدا جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈلدى.
ئىلگىرىكى لېكسىيە تېمىلىرى:
1. ئوقۇتقۇچىدىكى سالاھىيەت ۋە قىممەت، (ئابدۇرېشىت مۇئەللىم)،
2. دەرسخانىغا خاس مەشق تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇسۇللىرى (گۈلنار ئىمام مۇئەللىم)،
3. دەرس لايىھەسىنى قانداق تۈزۈش كېرەك؟ (ئابدۇراخمان مۇئەللىم)،
4. ئەدەبىيات دەرسىنى قانداق ئۆتۈش ۋە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار (مۇيەسسەر خەندان مۇئەللىم)
قاتارلىق تېمىلاردا نەق مەيدان لېكسىيەلىرى سۆزلەندى. بۇ لېكسىيەلەرگە بولغان ئىنكاسلار ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، داۋاملىق بۇ خىل لېكسىيەلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش ئېھتىياجى يۇقىرى.
«ئانا تىل گۈلزارى» پروگراممىسىغا قاتناشقان مەكتەپلەر:
گېرمانىيە ئۇيغۇرىيە مەكتىپى
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى
قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز، بۇندىن كېيىن يەنە قانداق تېمىلاردا لېكسىيە ياكى پروگراممىلارنى ئۇيۇشتۇرۇشنى خالايسىلەر؟ تېما ياكى مەزمۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ياكى ئاتا-ئانىلاردىن بىزگە تەۋسىيە قىلىدىغانلار بولسا، ئانا تىل كومىتېتىغا anatilkomiteti@gmail.com ئۇچۇر يوللىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئارمانلىرىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىمىز.
ھۆرمەت بىلەن زۇلھايات ئۆتكۈر (ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى مۇدىرى)