«ئانا تىل گۈلزارى» سۆھبەتلىرى – 3

قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئانا تىلىمىز- ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەن، تىلنى قوغداشنىڭ تەقەززاسىزلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان ، ۋە ياكى بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ قويۇپلا بولدى قىلىۋاتقان ئائىلىلەر بار.

تۆۋەندىكى 3-قېتىملىق «ئانا تىل گۈلزارى» سۆھبىتىدە ئانا تىل ئۆگىنىشتە ئۈلگە يارىتىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ توسالغۇلارنى قانداق يەڭگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئورۇن ئالغان. ئانا تىل ئۆگىنىش بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاشنى ئورگانىك ھالدا قانداق بىرلەشتۈرۈش كېرەك دېگەن سوئالغا پىسخولوگ خانىمنىڭ تەۋسىيەلىرى ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆرنەك بولۇپ قالغۇسى. بۇ سۆھبەتنى ئاڭلاپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

About ئانا تىل كومىتېتى

View all posts by ئانا تىل كومىتېتى →