شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە «باھار كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى.

شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە «باھار كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل 4-ئاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ئاي بولۇپ رامىزان، «شەرقىي تۈركىستان ئارمىيە بايرىمى» قاتارلىق خاسىيەتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە نېسىب قىلدى .بۇ پائالىيەت بالىلارنىڭ ئۆگەنگەن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى بىلەن باھار تېمىسىغا ئاتاپ ئىشلىگەن ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قوللاش ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىي روھىمىزنى ئويغىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

پائالىيەت جەريانىدا سىنىپلار بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئۆز سەۋىيەسىگە مۇناسىپ كېلىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرىنى رەسىم ۋە يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىدى ھەم تام گېزىتلىرىنى تەييارلاپ چىقتى. بالىلارنىڭ بايان خارەكتېرلىق يازمىلىرىدىن ، سەبىيلەر قەلبىدىكى سۈزۈك ۋە غۇبارسىز تۇيغۇلارنى ھېس قىلدۇق. بالىلارنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەسىمۇ ئوبدانلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، تەسۋىر، رېتورىك ۋە خۇلاسە قاتارلىق ئامىللار جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى . پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئانا تىل سۆيگۈچىلىرى ئەسەرلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشتىن باشقا يەنە داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ باھار نەزمىلىرىدىن ھۇزۇرلاندى ۋە شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئەسكەر مارشىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» شېئىرىنىڭ بوش قالدۇرۇلغان جايلىرىغا ، دەرەخ شاخلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان سۆزلەردىن مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تولدۇردى. يەنە بىر مەزمۇن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش سوئاللىرى بولۇپ، توغرا جاۋاب بەرگەنلەر «بېلىق تۇتۇش» ئارقىلىق مۇكاپاتلىرىنى سۈزۈۋالدى. بالىلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىگە سىمۋول قىلىنغان رەڭلىك تۇخۇملارنى سوقۇشتۇرۇپ ئويناشلىرىنى كۆرگىنىمىزدە، كۆز ئالدىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىمىزنىڭ قايتىلانمىسىنى كۆرگەندەك كارتىنا شەكىللەندى. كۆرگەزمىنىڭ بىر ئۇچىدا، مىللىي ئارمىيەيىمىزنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىپ مېھمانلار بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە پىكىر ۋە بىلىم ئالماشتۇرىدىغان پۇرسەتلەردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلاندۇق.

ئاخىرىدا، بارلىق قاتناشقۇچىلار باھارنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ ئىسمى يېزىلغان قاچىلارغا، بىر تالدىن ئۇرۇق تىكىپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. بۈگۈن تېرىغان ئۇرۇقلار پات ئارىدا مايسا بولۇپ ئۈنۈپ چىققۇسى ۋە بۈگۈنكى كۈننىڭ يالدامىسى قاتارىدا قېرىنداشلىرىمىزغا گۈزەل دەملەرنى ئاتا قىلغاي.

بۈگۈنكى باھار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق باھارنى ئۇيغۇرلىقىمىزنى ياشىتىدىغان باھارغا ئايلاندۇرۇپ باقتۇق . باھارىستانىمىزدا خەندان ئۇرۇپ سايرايدىغان بۇلبۇللار سايرىماس بولغان، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ھۇقۇشلار ئېلىپ، جەننەتۇل باغۇ بوستانلىقلارنى سۈر بېسىپ تۇرىدىغان مۇدھىشلىك قاپلىغان بولسىمۇ ، لېكىن بىر كۈنلەردە يەنە شۇ باھارىستانىمىزنى قۇچاقلاشقا، تاڭنا باھاردا سائادەتنى باغاشلاشقا يەنىلا ئۈمىدىمىز بار.

«مەھمۇد كاشىغەرى مەكتىپى» مۇدىرى زۇلھايات ئۆتكۈر

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

About ئانا تىل كومىتېتى

View all posts by ئانا تىل كومىتېتى →