ئانا تىل گۈلزارى سۆھبەت پروگراممىسى – 1

ئانا تىل گۈلزارى سەھىپىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇناسىۋېتى بىلەن تۇنجى قېتىملىق پروگراممىغا «گېرمانىيە ئۇيغۇرىيە مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىندى. تەجرىبىلىك ۋە ئۈلگىلىك ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پەرىدە نىياز مۇئەللىم، سالامەت ھاشىم مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن زۇننۇرەي تۇرسۇن قىزىمىز بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبەت ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە تىل ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەردىن ئېرىشكەن ھاسىلات ۋە قىممەتلىك تەۋسىيەلەرگە قۇلاق سالغايسىلەر.

«ئانا تىل گۈلزارى» سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پروگراممىغا مېھمانلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى شۇنداقلا، ئانا تىل ئوقۇتۇشى، پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر-تەلەپلىرىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ پروگراممىغا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئۆزىنى ياكى ئەتراپىڭلاردىكى ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ «ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى» بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇر تىلىمىز بىزنىڭ پەخرىمىز ھەم ئۇنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە قالغانلىقىدەك ۋەزىيەتتە تىلىمىزنى، مەدەنىيتىمىزنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلەرمىزمۇ دەيدىغان قورقۇ ۋە ئەندىشە دائىم ياكى ناگاندا روھىمىزنى چۇلغىۋالىدۇ. چەت ئەللەردە ئانا تىل مەكتەپلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىشى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا يەنىلا نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنماستىن چارە- تەدبىرسىز، تېپىشماق پېتى كېتىۋاتىدۇ.

«ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى»، بالىلىرىمىزغا ئانا تىلنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆگىتىش ۋە بۇ يولدا ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئۆزئارا تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر روھىغا ئىگە، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغىدەك ئىزباسار قىلىپ چىقىش ئۈچۈن «ئانا تىل گۈلزارى» سەھىپىسىنى يولغا قويدى. ھەم بۈگۈن تۇنجى پروگراممىغا گېرمانىيە ئۇيغۇرىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى پەرىدە نىياز مۇئەللىم، سالامەت ھاشىم مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىمىز زۇننۇرەي بىلەن بولغان سۆھبەتتە قېرىنداشلىرىمىزغا قىممەتلىك تەۋسىيە ۋە تەجرىبىلەر تونۇشتۇرۇلدى. كېيىنكى پروگراممىمىزدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئانا تىل پەرۋانىلىرىنى كۈتىمىز.

– ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى

About ئانا تىل كومىتېتى

View all posts by ئانا تىل كومىتېتى →