ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم تۈركىيە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى

2021 – يىلى ئىيۇل ئايلىرىدا ئانا تىل كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم كومىتېتقا ۋاكالىتەن تۈركىيە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى. تاڭنۇرى تەلىم -تەربىيە مەركىزى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشىدىن باشقا يەنە ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەتى ۋە ئۆرپ-ئاددەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن يازلىق تەتىللىك «ئۇيغۇر ئۆرپ -ئادەت كۇرسى» تەسىس قىلغان ئىدى. زىيارەت جەريانىدا تاڭنۇرى تەلىم -تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار كۆپچىلىككە ئۆزلىرىنىڭ دېكلاماتسىيە ۋە نۇتۇقلىرىنى سۇندى. نۇزۇگۇم فوندى جەمئىيىتىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزتۈرك خانىم ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنىڭ ۋەتەن مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ سۆز قىلدى. زۇلھايات ئۆتكۈر خانىممۇ ئۆرپ-ئادەت ھەققىدە چۈشەنچە ۋە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە،
ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنىڭ تارىختا ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۆزگەرتىۋېتىشقا دۇچ كەلسىمۇ خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي جەريانلار داۋامىدا ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى قوغداپ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، غەيرىي ناچار ئادەت قوشۇلمىلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ مەدەنىيەت دىسسىمىلاتسىيەسى (ياتلىشىش) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، ھازىرقىدەك مۇھاجىرەتتە كۆپ خىل مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشتەك ۋەزىيەتتە ئۆرپ ئادەتلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۆگىنىش مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى ئىكەنلىكى، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ساپاسى ئۆرپ ئادەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنىڭ تەرەققىيات ھالى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى، ئۆرپ-ئادەتنىڭ شەكلى قانچە مەزمۇنلۇق، شەكلى رەڭدار بولسا مەدەنىيەت قاتلىمى تولۇق، تاكاممۇللاشقان بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئەۋلاتلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئۇيغۇر- ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرۇشىمىز لازىملىقىنى ئىلمىي نەزەرىيەلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى.
زىيارەتكە يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇستازلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ياۋروپادىكى بالىلار بىلەن تۈركىيەدىكى بالىلارنىڭ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش، دوستلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنىپ دەسلەپكى پىلانلار تۈزۈلدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇيغۇر روھى بىلەن تەربىيەلىنىشى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغۇسى

About ئانا تىل كومىتېتى

View all posts by ئانا تىل كومىتېتى →