سەھەر
تىلىم ئامان بولسا ئەجدادىم ئامان،
مەھشەر ئوتلىرىدا ئەۋلادىم ئامان.
يېشىلىپ پۇتلىرىغا چىرماشقان تۈگۈن،
ئۆزگە ئىقلىملارغا يوللىرى راۋان.
(مەھمۇد قەشقىرى)
كانادا ئىندىئانلاردىن ئەپۇ سورىدى ئەمما، خىتتاي……..
ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟ خىتتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى زومىگەر كۈچنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تىلى كەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالارمۇ؟ دېگەن سوئاللار ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان، خىتتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئويلاندۇرماي تۇرالمايدىغان سوئاللار. كانادا، ئۆتكەن ئەسىردە، ھازىر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، كانادانىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولغان يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا ئالدىدا ئىندىئانلاردىن ئەپۇ سورىدى. ئەمما خىتتاي بۇ خىل ئوخشاش خاتانى قىلچە تەپ تارتماي داۋاملاشتۇرماقتا. 2008 – يىلى كانادا باش مىنىستىرى ستېۋېن ئېكىسارپەر(Stewen Xarper) كانادا پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن ئەسىردە كانادانىڭ 150 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئىندىئاننىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، مەھەللە جامائىتى ۋە ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيەتلىرىدىن ئايرىپ، كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 چېركاۋدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئىنگلىزچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى خاتالىقى ئۈچۈن، ئىندىئانلاردىن ئەپۇ سورىدى.
ستېۋېن ئېكىسارپەر (Stewen Xarper )، كانادانىڭ بۇ قىلمىشىنى «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە خورلاش خاراكتېرىنى ئالغان تارىخنىڭ ئاچچىق تەجرىبە ساۋىقى» دېدى.
كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ستېۋېن ئېكىسارپەر( Stewen Xarper) ئەپۇ سوراش باياناتىدا، «نۇرغۇنلىغان ئىندىئان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ جانلىق ۋە باي مەدەنىيەتلىرى شۇنداقلا، ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىنىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋە ئىندىئان جامائىتىدە بىر بوشلۇق ياراتتى. كانادا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىردە ئېلىپ بارغان، ئىندىئان پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىشنىڭ، تارىخى بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ۋە بۇ خاتانى ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەپۇ سورايمىز» دېگەن.
ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تەرەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىنىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى، ئائىلىسى، تۇرمۇش مۇھىتى، ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىدىن ئايرىپ ئۇلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي يات بولغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياتاقلىق مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىپ، پۈتۈنلەي خىتتاي مۇھىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتى ئىچىدە خىتتايچە مائارىپ تۈزۈلمىسى يۈرگۈزگەندىن باشقا، بۇ يىل سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلىدى. خىتتاي يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى پەقەت ئۇيغۇر تىلىغىلا قىلىنىۋاتقان خىرىس ئەمەس بەلكى كېلەچەكتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى، ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى، ئۇيغۇر رادىئو – تېلېۋىزىيە ساھەسىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە قىلىنىۋاتقان بىر خىرىستىن ئىبارەت. گەرچە كانادادەك تەرەققىي قىلغان غەرب دۆلەتلىرى، ئىنگلىز بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نازۇك ھېسسىياتلىرى ھېسابلانغان ئانا تىلى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن ئىبارەت، ئۆتكەن ئەسىردە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سوراۋاتقان بولسىمۇ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە تەتۈر تاناسىپ بولغان بۇ خىل رەزىل ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنى قىلچە تەپ تارتماي پەردازلاشقا تىرىشماقتا ۋە كۈچەپ يۈرگۈزمەكتە. دېمەك زومىگەر تاجاۋۇزچىلارنىڭ، تارىخنىڭ پايتىمىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈلسىزلىكىگە سەۋەب بولغان تارىخى خاتالىق ۋە بىمەنىلىكلەرنى قايتا تەكرارلاشتەك خۇي پەيلى ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ. بىز داۋاملىق خىتتاينى مۇشۇ دەۋردىمۇ يەنى مۇشۇنداق ئىلغار ئۇچۇر دەۋرىدىمۇ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئاشۇنداق بىر جىنايەتنى ئۆتكۈزەلەرمۇ؟ دەپ ئۆز – ئۆزىمىزگە سوئال قويىمىز. ئەمما ئېرىشكەن جاۋابىمىز. «ھەئە ئۆتكۈزىدۇ» بولدى. شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.
بىر مىللەتنى بىر بەدەن بىر تەن دەپ قارىساق، ئانا تىل بۇ بەدەندىكى بىر ئەزادىن ئىبارەت. ئانا تىلنىڭ شۇ مىللەت تىلىنى ئىشلىتىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ تاشلىنىشى بەدەندىكى بىر ئەزانىڭ كېسىپ تاشلىنىشى، ئېغىر ھالدا تەن جازاسىغا ئۇچرىشىغا ئوخشايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن ئۇ مىللەت بىر مەجرۇھ مىللەتكە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئېغىر زەربە يەنى تەن جازاسى، ئىنسان بەدىنىدە ئەگەشمە مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانغا ئوخشاش، شۇ مىللەت تىلىنىڭ يوق قىلىنىشى كېلەچەكتە، بۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ يوق بولۇشىنى، قەلەم تەۋرىتىدىغان ئەدىب، يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يوق بولۇشىنى، تەرجىمانلىرىنىڭ يوق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېتىلغان ھەر بىر قەدەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاچىقىغا چېپىلغان پالتا ياكى قىڭراقتۇر.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدلىرىم.
1.گۇگىل ئىزدەش ماتورىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار دەپ تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە يازغان ۋاقتىمدا، ئالدىمغا 10 خىل تىل چىقتى. بۇ تىللار بىلەن سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 ئەڭ ئاز بولغاندا، 5 كىشى بىلەن چەكلىنىدىكەن. بۇنى كۆرۈپ «ئاللاغا مىڭ شۈكۈر» دەپ ئۇھ تارتتىم خۇشاللىق بىلەن. ھەر ھالدا سۈيۈملۈك ئانا تىلىمنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي ئۆزى ئېلان قىلغان سان بىلەن ئېيتقاندىمۇ، 9 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھازىرقى دەۋردىكى زامانىۋى ئۇچۇر ئالاقىسىدە بىمالال قوللىنىپ كەلمەكتە. چەت ئەللەردە بولسا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ھەر ھالدا ئۇيغۇر ئانا تىلىم، خىتتايدىن ئىبارەت بۇ يالماۋۇزنىڭ يالماپ يەيدىغان ئېغىزىغا پاتمىغۇدەك بىر كۈچ ۋە جاسارەت بىلەن تۇرۇپتۇ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىتمۇ قازىنالايدىكەنمىز دەپمۇ ئويلىدىم. ئەمما بۇ بىخۇدلۇق قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش دېگەن مەنىنى بەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ «ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى» دەپ چۇقان سالغىدەك مادارى يوق. ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئېيتىۋاتقان «ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالدى» دېگەن سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيەت مۇھاجىرەتتىكى بىزنىڭ، زىممىمىزگە يۈكلەنگەن. مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچى شائىرلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىز قىسقىسى بارلىق قەلەمكەشلىرىمىز قولىمىزغا قەلەم ئېلىپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر ۋە مۇھاكىمە ماقالىلىرى يازايلى ۋە دۇنياغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتتاي ئېيتقاندەك دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە ماسلىشالمايۋاتقان بىر تىل بولماستىن بەلكى يىلتىزى ئەڭ چوڭقۇر، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن قوغدىلىشقا ساقلىنىشقا ۋە ئىشلىتىشكە ئەرزىيدىغان نەپىس ۋە پاساھەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلايلى. يەنە بىر تەرەپتىن كېلەچەكتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل بوستانلىقلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ چاڭقىغان دىللىرىغا ئابى زەمزەم ئىزلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەر ۋە ماقالىلەر بۇلىقى قالدۇرۇشىمىز لازىم. شۇنداق بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلىكى، دۈشمەن ھەرقانداق ھىيلە ۋە نەيرەڭلىرىنى شۇنداقلا دۇنياغا كۆز – كۆز قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك كۈچلىرىنى كۆرسىتىپمۇ، بىزنىڭ يېزىقچىلىق ۋە قەلەمدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك قورالىمىزنى يوق قىلالمىسۇن.
2. 2003- يىلىدىن 2005 – يىلغىچە تۈركىيەدە بولغان چاغلىرىمدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس، سېرىق ئۇيغۇرلار، قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنىڭ ئاپتورى گۈلچىن ژاندارلى ئوغلى بىلەن كۆپلىگەن سۆھبەتلەردە بولغان ئىدىم. ئەلۋەتتە كۆپىنچە ھاللاردا سۆھبەت تېمىمىز ئۇيغۇر تىلىغا مەركەزلىشەتتى. گۈلچىن خانىم ماڭا: “سەن ئۇيغۇر تىلى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالارمۇ دەپ كۆپ ئەنسىرىمە، ئۇيغۇر تىلى يىلتىزى بەك مۇستەھكەم بىر تىل، ھەتتا تۈرك تىلى ۋە باشقا تۈركى تىللارنىڭمۇ يىلتىزى ئۇيغۇر تىلىغا تۇتۇشىدۇ. ئۇيغۇر تىلى 1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تۈرك تىلىنىڭ ئانا يىلتىزى. مەسىلەن ساڭا بىر مىسال سۆزلەپ بېرەي، بىر ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندىن يولغا چىقىپ، ئادىراتىك دېڭىزىغا قەدەر سوزۇلغان بۇ كەڭرى جۇغراپىيەدىكى دۆلەتلەردە ئۆز ئانا تىلى ھېسابلانغان ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىپ مەقسەت ۋە نىيەتلىرىنى ئۇقتۇرالايدۇ. ئەمما بىر خىتتاي شۇنداق قىلالامدۇ؟” دېگەن ئىدى ئۇ ماڭا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.
3. يېقىندا مەن ماتېرىيال كۆرۈۋېتىپ، بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، ئابدۇرەئوپ پولات (ئەدەبىي لەقىمى تەكلىماكانىي) ئەپەندىنىڭ 2002 – يىلى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېڭىلا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مەزگىللەردە يازغان، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەيىن»گىچە ناملىق ماقالىسىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.
ماقالىدا خىتتاي كوممۇنىست پارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان، خىتتاينىڭ بارلىق ئەمىر پەرمان سىياسەت، يوليورۇقلىرىنى ھېچ خاتاسىز ھالدا ئۇيغۇرلارغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانداق قىلىپ، چەتكە قېقىلىش ۋە سىقىپ چىقىرىلىش گىردابىغا كېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن. بوۋىمىز ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 15- ئەسىردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى قوغداپ قېلىش مەقسىتىدە يازغان، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ناملىق ئەسىرىدىن مىساللار ئېلىش ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى يورۇتۇلغان. بۇ ماقالە 15 يىلدىن بۇيان ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بولۇپ،مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ۋەتەن ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغدايدىغان ئوت يۈرەك، ۋىجدانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ، ئۇستازلىرىمىزنىڭ بارلىقىدىن سۆيۈندۈم ، ئۈمىدلەندىم،غۇرۇرلاندىم، پەخىرلەندىم.
4. مەرىپەت تورىدىن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىمى، ناسا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىك ئىنژېنېرى، مۇتەخەسسىس ئەركىن سىدىق ئەپەندى 2007 – يىلى يازغان، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەكتەپلىرىدە، قوش تىللىق ئوقۇتۇش باھانىسىدە قالدۇرۇلۇۋاتقانلىغىغا بولغان كۈچلۈك ئىسيانكارلىق روھى ئىپادىلەنگەن ماقالە، «قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى يەككە تىللىق مائارىپمۇ» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىنى ئوقۇپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. چۈنكى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزمۇ خۇددى ئەلىشىر ناۋايىدەك كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قەدىمى، پاساھەتلىك ئۇيغۇر تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن چۇقان سېلىۋېتىپتۇ.
5.خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2017 – يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى مەكتەپلەردىن ئېلىپ تاشلاش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئويغىنىش ۋە جانلىنىش بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلىۋاتىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئىلمىي لېكسىيەلەر تەشكىللەنگەندىن باشقا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپلىرى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ كېلەچەك ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە پۇرسەت يارىتىلىۋاتىدۇ.
دۇنيادىكى ئۆلگەن تىللار ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە قايغۇلىرىم.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسلار چار رۇسىيە دەۋرىدە، سىبىرىيەدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرى ئەڭ كوپ بولغان كەت مىللىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن، كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىدۇ. كەتلەرنىڭ ئۆز يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن باشقا كىرىم مەنبەسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسمى ئاچلىقتىن، بىر قىسمى ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ئۆلۈپ تۈگەيدۇ بىر قىسمى رۇسلىشىپ كېتىدۇ. ئەينى چاغدا 11 مىڭ نوپۇسى بار كەتلەردىن 1990 – يىلىدا 500 كىشى، 2011 – يىلىدا 100 كىشى قالىدۇ. كەت خەلقى تاجاۋۇزچىلىققا ۋە بېسىمغا ئۇچۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، يوق بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولغاچقا، كەت تىلىمۇ سۆزلىشىش ۋە يېزىلىشتىن بارا – بارا قېلىپ ئۆلۈك تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. نۆۋەتتە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى، چار رۇسىيەنىڭ ئەينى يىللاردا كەت مىللىتىگە يۈرگۈزگەن تاجاۋۇزچىلىقىدىن ھېچ قېلىشمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىمۇ كەت تىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق تراگېدىيەنىڭ بوسۇغىسىدا.
ئارناۋۇت ۋە ماكىدونيالىقلار سۆزلىشىدىغان ئىللىر تىلىمۇ ئەينى ئاقىۋەتتە بولۇپ، بۈگۈن ئۆلگەن تىللار ئارىسىدىن يەر ئالماقتا.
شىمالى ۋە جەنۇبى ئامېرىكىدا، ئافرىقىدا، ئاۋسترالىيەدە، ياۋروپالىق تاجاۋۇزچىلار يەرلىك خەلققە قاراتقان بېسىم سىياسىتى ئارقىلىق يەرلىك تىللارنى ئۆلتۈرمەكتە. ئەسلىدە ياۋروپالىقلار كېلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نوپۇسى 100 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىكلەرنىڭ نوپۇسى بىر مىليونغا چۈشۈپ قالغان. 99 مىليون ئىنسان نەگە كەتكەن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئامېرىكىلىق يەرلىك خەلقنىڭ تەقدىرىدىن ھېچ قېلىشمايدۇ. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى، «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار نوپۇسى، خىتتاي ئىجرا قىلغان ئۆلۈم جازاسى، تۈرمىلەردىكى تەن جازاسى، ۋە ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇش، خىتتايلارنىڭ ئورگان تىجارىتى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى قاچۇرۇش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلىرى نەتىجىسىدە، كۈندىن – كۈنگە تۆۋەنلەپ بارماقتا. بۇنىڭغا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلى ۋە ئۆرپ – ئادەت ، يۇرت جامائىتىدىن ئايرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاچقان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئېلىپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ مەكتەپلەردىن ئېلىپ تاشلىنىشى، شۇنداقلا ئۇچۇر ئالاقىدىن قالدۇرۇلۇشى قوشۇلغاندا، ئامېرىكىلىق يەرلىك خەلقلەر بېشىغا كەلگەن تراگېدىيەنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدا چۆرگىلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مېكسىكىدا 1520 – يىلى ئومۇمىي نوپۇسى 25 مىليون بولغان قىزىل تەنلىكلەر 1601- يىلى يەنى 80 يىلدىن كېيىن بىر مىليونغا چۈشۈپ قالغان. بەلكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر خىل ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوقىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىمۇ خۇددى قىزىل تەنلىكلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن.
كۈچلۈك مىللەتلەر ئاجىز مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك قىرغىنچىلىقلار، بېسىملار ۋە ئىشغال قىلىشلار تىللارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولماقتا.
مەسىلەن مايا تىلى ئۆلگەن بىر تىل، ئۇندىن باشقا تانزانىيەدە، ئاۋسترالىيەدە، گىنەدە ، قىرىمدا، شەرقىي تۈركىستاندا، ئوخشىمىغان تىللار تەھدىت ھالىتىدە تۇرماقتا.
بۈگۈن بىز جەنۇبى ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ رەسمىي تىلىنىڭ ئىنگلىزچە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز.
دېمەك، ئەگەر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش قەدىمىنى ھازىرقىدەك تېز ئالىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلار جىددىي تەدبىر ئالمىغان تەقدىردە، خۇددى ھازىرقى ئافرىقىلىقلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ ئىنگلىزچە سۆزلەشكەنگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارمۇ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ خىتتايچە سۆزلىشىدىغان پاجىئەگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
كۆچۈش ۋە سۈرگۈنلەرنىڭ، تىلنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان تۈركىيەلىك تىل تەتقىقاتچىسى رېكىن ئەرتەم، تىللارنىڭ ئۆلۈشى ناملىق ماقالىسىدە، كۆچۈش ۋە سۈرگۈنلەرنىڭ بىر تىلنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “سىياسىي ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلەر پەيدا قىلغان كۆچمەنلىكتىن بىر تىلنى سۆزلىشىدىغان خەلقلەر پارچىلىنىدۇ. بىر قانچە پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. بۇ پارچىلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدىن ئۇزاقلاشقانچە، ئۆزى قوشۇلغان خەلقلەر ئىچىدىكى ئاساسلىق تىلنىڭ بېسىمى بىلەن شۇ تىلنىڭ ئىچىدە ئېرىشقا باشلايدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن ھېچقانداق بىر بېسىم قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ پەقەت ئاساسى تىلنىڭ بېسىمىنىڭ تەسىرىدە، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشىنىش نەتىجىسىدە، ئانا تىلىنى قوللىنىش ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. نەتىجىدە ئۇ تىل ئۆلىدۇ ” دەيدۇ.
ئۇ يەنە: “كۆچمەن بولغان خەلقلەر يېڭى بىر تىل بىلەن ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، ھېس تۇيغۇ، چۈشەنچە ۋە خاراكتېر جەھەتتىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئامېرىكىغا مەجبۇرىي قۇل قىلىنىپ كەلتۈرۈلگەن زەنزىلەر، بۈگۈن ئانا تىلىنى ئۇنتۇغاننى ئاز دەپ ئامېرىكىلىق بولغانلىقلىرىدىن پەخىرلىنىپ ياشىماقتا. پولشا ۋە لىتۋانىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان قىرىم تاتارلىرىمۇ تاتارچىنى ئۇنتۇپ زومىگەر تىلنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئافغانىستاندىن ئامېرىكىغا، ئافرىقىدىن ئەنگلىيەگە، شىمالى ئافرىقىدىن ئىسپانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەگە كۆچمەن بولۇپ بارغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىللىرى يوق بولدى ۋە ياكى بىر قانچە نەسىلدىن كېيىن يوق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. خىتتاي زۇلۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، 1930 – يىللاردا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ چوڭلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، قالغان ياشلىرى ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش ئېھتىياجى قالمىغاندىن كېيىن، بارغانچە تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى ھازىر ئۆلگەن تىل بولۇپ قالدى “دەپ يازىدۇ. دېمەككى تىل تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ تۈركىيەدە ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا. سوئال ئۇيغۇر ئانا تىلى يېقىن كېلەچەكتە، دۇنيادىكى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالارمۇ؟
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر، ئانا تىلىمىزنى قوغداشتىكى ناۋايى بولايلى.
ئەلىشىر ناۋايى، 15- ئەسىردە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى پاساھەتلىك ۋە سەنئەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرى داستانلىرىدا نامايان قىلغان ۋە بۇ خىل قاراشنى قوغداشقا تىرىشقان شائىر ۋە ئەدىب. ئۇ ئەينى دەۋردە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىڭ خىرىس قىلىشىغا دۇچ كەلگەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىممىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى خىزمەت قىلغان بىلىم ئادىمى ۋە دۆلەت ئەربابىدۇر.
ئەلىشىر ناۋايى، ئۆزىنىڭ ئەينى دەۋردە مودا بولۇۋاتقان ئەرەبچە ۋە پارىسچىنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئەدىب، بولغىنىغا قارىماي، ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىپ ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شان شەرىپى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغدىغان. ناۋايى ئۆز دەۋرىدە يېزىقچىلىق ۋە دۆلەت باشقۇرۇشتا ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان ئەدىب، شائىر ۋە دۆلەت ئادىمى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىشى پارىس تىلى ھۆكۈمرانلىقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ دەۋردە، ئۇيغۇر تۈرك تىلىنىڭ خۇددى يۇلتۇزدەك پارلىشىغا سەۋەب بولغان. ناۋايى روھى ھازىرمۇ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ۋە قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
ئەلىشىر ناۋايى، 11 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەھمۇد قەشقىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە شان شەرىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك خىزمەت كۆرسەتكەن كىشى بولۇپ تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇ “مۇھاكىمەتۇل-لۇغەتەيىن” ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇر تىلى بىلەن پارىس تىلىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ناھايىتى كۆپ يەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ناۋايىنىڭ بۇ ئەسىرىنى، ئەينى دەۋردە ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەرەبچە ۋە پارىسچە ئەسەر يېزىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىپ يازغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ 11 – ئەسىردىمۇ بۈگۈنكىدەك يوق بولۇش خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇ دەۋرلەردە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «دىۋانى-لۇغەتىت-تۈرك» ناملىق شاھانە ئەسەرنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك ۋە گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
دېمەك، بىز تارىخنى ۋاراقلىغان ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر 5 ئەسىردە بىر قېتىم خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز.
ئەمما ھەر دەۋردە، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۇپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر ناۋايىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئېسىل پەرزەنتلىرى، ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىنى جان تىكىپ قوغدىغان. 21- ئەسىردە، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز يەنە بىر قېتىم ھايات – مامات كۈرىشىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ كۈرەشتە، بىزنىڭ يېڭىلىپ قېلىشىمىز ۋە ياكى غەلىبە قىلىشىمىز ئەلۋەتتە، ھەر بىرىمىزنىڭ بىردىن ناۋايى ۋە مەھمۇد قەشقىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ۋە چىقالمايدىغانلىقىمىزغا باغلىق.
يەھۇدىيلار، ئۆلگەن تىلنى تىرىلدۈرۈشتە ئالاھىدە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مىللەت بولۇپ، بىلگىنىمىزدەك مىلادىدىن بۇرۇنقى 587- ۋە مىلادىدىن كېيىنكى 70- يىللاردا ئىككى قېتىم ھاكىمىيىتى چۆككەن يەھۇدىيلار، دۇنياغا تارىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئېتىقادلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوغداپ قالالىغان بولسىمۇ ئەمما، تىللىرىنى ئاستا -ئاستا ئۇنتۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىللە ياشاشقا مەجبۇر بولغان باشقا بىر توپلۇمنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشكە تولۇق يۈزلەنگەن ئىدى. يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ۋە گېرمانىيەنىڭ ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۆز زېمىنلىرىغا قايتقان يەھۇدىيلار بىر – بىرىنى چۈشىنەلمەس ھالەتكە كەلگەن ئىدى. چۈنكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبرانى تىلى ئۆلگەن ئىدى. يەھۇدىيلار دەرھال ئىبرانىچە كۇرسلار ئاچتى، يەھۇدىي تىلىنى جانلاندۇرۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارىلىپ كەتكەنلىكلىرىگە قارىماي، ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئانا تىلى ئىبرانىچىنى قايتا تىرىلدۈردى.
11- ۋە 15 – ئەسىرلەردە ئوخشاش خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى 21 – ئەسىرگە كەلگەندە، خىتتايدىن ئىبارەت بۇ تاجاۋۇزچىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېغىر تالان – تاراج قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشتا ھەممىمىز بىر مەھمۇت قەشقىرى، ناۋايى بولايلى.
چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلىشىمىزنى قوغداپ قېلىشتا ئالدىنقى سەپتىن يەر ئېلىشى كېرەك.
يازايلى، يازايلى، يازايلى، ئۇيغۇر تىلىدا توختىماي شېئىر، قوشاق، داستان، سۆز ئويۇنى، ماقالە، مۇلاھىزە، تەرجىمە، بالىلار چۆچەكلىرى، ئېپىزوت، ھېكايە، پوۋېست، رومان………ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلىنىدىغان نېمە بولسا يازايلى. يېتەركى ۋەتەندە مەجبۇرىي ئۇچۇر ئالاقىدىن، دۇنيا سەھنىسىدىن قالدۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلى چەت ئەللەردىكى ھەر بىر پىدائىي، مەھمۇت قەشقىرى ۋە ناۋايىلارنىڭ جاسارىتىدىن، ئۆزىنىڭ 21- ئەسىردىمۇ پاساھەتلىك گۈزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى، ئىپادىلەش جەھەتتە خىتتاي تىلىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، بىر قەدىمى چوڭ تىل ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىسۇن.
دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان مەشھۇر ئۇيغۇر تەرجىمان ۋە شائىر ئابدۇكېرىم غوجايۇپ ئاكىمىز بىلەن، بىر خىتتاي يازغۇچى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى دىئالوگنى قىستۇرۇشنى لايىق كۆردۈم.
بىر كۈنى ئابدۇكېرىم غوجايۇپ ئاكىمىز ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاپتوبۇستا، بىر خىتتاي يازغۇچىسى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قېلىپتۇ. خىتتاي يازغۇچى ئابدۇكېرىم غوجايۇپتىن:
– ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمەيسەنغۇ؟ – دەپ سوراپتۇ.
– سىلەرنىڭ، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «غەربكە ساياھەت» قاتارلىق قەدىمىي كىتابلىرىڭلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق – دەپتۇ ئابدۇكېرىم غوجايۇپ خىتتاي يازغۇچىغا. بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان خىتاي يازغۇچى:
– ھە……ئۇيغۇر تىلى بۇنىڭغا يەتتىمۇ – دەپ سوراپتۇ. ھازىر جاۋاب ئابدۇكېرىم غوجايۇپ ئەپەندى خىتتاي يازغۇچىغا:
– ۋاي يېتىپ ئېشىپ قالدى – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ ناھايىتى ئاددىي ۋە مەنىلىك جاۋاب، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانچىلىك باي، قانچىلىك پاساھەتلىك، قانچىلىك يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە تىل ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر تىلى دۈشمەنلىرىگە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنىسكو، ھەر يىلى 10 تىلنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھازىر ئۇچۇر ئالاقىدە ياشاۋاتقان 6 تىلنىڭ بىر قىسمىنىڭ 100 يىل ئىچىدە ئۆلىدىغانلىقى دىققەت چەكمەكتە.
شۇڭا، ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش، بىز بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇھىم ۋەزىپە.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئۆلگەن تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا قاراپ تۇرمايلى!!