ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن خىرىسقا قارىتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

تارىم ئوغلى

ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017 – يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوقۇتۇش تىلى بولۇش سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتتاي تىلىنى چىقىرىپ، بارلىق دەرسلەرنى خىتتاي تىلىدا ئۆتۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى [1].  بۇنىڭغا قارىتا، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جامائەت پىكرى توپلاش، مەتبۇئاتلاردا نارازىلىق بىلدۈرۈش، بايانات ئېلان قىلىش، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى قاتارلىقلارغا دوكلات سۇنۇش ۋە ئەرز قىلىش قاتارلىق كۆپ يوللار ئارقىلىق پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇيغۇر تىل – مائارىپىنى قوغداش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. [2].  د ئۇ ق بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىگە قارشى خەلقئارالىق ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىدى. [3].خىتتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە سالىدىغان تەھدىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەقە دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. 

يەنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەدبىر قوللانمايدىكەن، بۇ يىل مەكتەپكە كىرگەن ئۇيغۇر بالىلىرى كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچە ھېكايىلەرنى ئوقۇيالمايدۇ.  ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى ئوقۇيالمايدۇ. ئۇيغۇرچە رومانلارنى ئوقۇيالمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىپ يېزىلغان تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇيالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ھېكايىلەرنى يازالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.  ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى يازالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرچە رومانلارنى يازالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇرچە تارىخلارنى يازالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.  ئائىلە تەربىيىسى چىڭ تۇتۇلغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر قىسىم تەلەيلىك بالىلارلا، كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئادەتتىكى ئالاقىلارنى ئانا تىلىدا ئېلىپ بارالىشى مۇمكىن. يەنى ئۇلار چەت ئەلدە چوڭ بولغان بىر قىسىم بالىلاردەك بولالىشى مۇمكىن.  بۇنداق بىر مۇھىم ئىشتا، بۇنداق بىر چوڭ ئىشتا، بۇنداق بىر ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھايات – ماماتىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ھالقىلىق ئىشتا، بىز ئۇيغۇرلار چەت ئەلدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.  بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن ئۇنداق قىلىش، ئىنتايىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.  مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ ھەتتا، بىر خىل تارىخىي گۇناھ بولۇشىمۇ مۇمكىن.

شۇڭلاشقا بۇ يەردە مەن، چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلارنى «ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن تەھدىتكە قارىتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا، ھەمدە ئويلىغانلىرىنى چەت ئەلدىكى ۋەتەنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىرىمەن. مېنىڭچە بىز خەلقىمىزگە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردىكى تەۋسىيەلەرنى سۇنساق بولىدۇ:

–ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئائىلە قانداق قىلىشى كېرەك؟

–چەت ئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر جامائىتى قانداق قىلىشى كېرەك؟

–چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟

–ۋەتەندىكىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟

مەن مۇشۇ ئىشقا نىسبەتەن رازىمەنلىك، ئىرادە، بىلىم ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ئىمكانىيىتى بار، بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقىپ، مۇشۇ چاقىرىقنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى، ياكى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ھازىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خەلقنى يېتەكلىمىسە بولمايدىغان بىر زامان يېتىپ كەلدى.  شۇڭلاشقا، مەن ئۆزىنى بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ھېسابلايدىغان، ھەمدە ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ چاقىرىقنى قوللاپ بېرىشىنى، ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان تەۋسىيەنامىلەرنى مەزمۇن قىلغان يازمىلىرىنى خەلققە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

About ئانا تىل كومىتېتى

View all posts by ئانا تىل كومىتېتى →